قىزىل چىققان بالىلارنى قانداق پەرۋىش قىلىش كىرەك؟

来源:互联网新闻 编辑:余姚网 时间:2021/01/21 02:48

قىزىلنى قىزىل ۋىرۇسى پەيدا قىلىدۇ،6 ئايلىقتىن5 ياشقىچە بولغان بالىلار قىزىل كىسىلىگە ئوڭاي گىرىپتار بولىدۇ،قىزىل چىقمىغان چوڭ ئادەملەرمۇكىسەل بىلەن ئاغرىيدۇ

ئادەتتە قىزىل چىققان بالىلارنى ئاتا -ئانىلارئۆيدە بىقىپ داۋالىسا بولىدۇ،بالىنى ياخشى كۈتۈش ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە.بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار ياتقان ئۆي نەمرەك،ئىسسىق بولۇشى،پات-پات ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىملىكىن شامالنىڭ بىۋاستەتىگىشىدىن ۋە كۈن نۇرىنىڭكۆزگە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كىرەك،كىيىملەنىمۇ بەك نىپىز ۋە بەك قىلىن كەيدۈرمەسلىك كىرەك.

بالا قىزىۋاتقان ۋە ئەسۋە چىقىۋاتقان مەزگىلدە بالىغا قايناق سۇنى كۆپىرەك ئىچكۈزۈش لازىم.ئاسان ھەزىم بولىدىغان،تەركىبىدە ۋىتامىنلىرى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى بىرىش ،پەرىز تۇتماسلىق لازىم.

قىزىل ئەسلىگە كىلىش دەۋرىدە بالىنىڭ ئشتىھاسىگە قاراپ تاماقنى كۆپەيتىش كىرەك. بالا قاتتىق يۆتەلگەندە يۆتەل دورىسى بەرسەك بولىدۇ. قىززىتما بەك يۇقىرى بولۇپ،بىئارام بولۇش، جۆيلۈش ئەھۋاللىرى بولغاندا،ئاز مىقداردا قىززىتمىنى ياندۇرۇش دورىسى بىرىش لازىم، لىكىن قىززىتمىنى بەك تۆۋەنلىتىۋەتكەندە تەر كۆپ چىقىپ ئەسۋە چىقالمايدۇ شۇڭا ئادەتتىكى ئەھۋالدا قىززىتما قايتۇرۇلمايدۇ.

بالىنىڭ كۆزىدىكى چاپاقلارنى دائىم ئىلىمان سۇدا يۇيۇپ تۇرۇش ،ئىغىز تازلىقىنى ياخشى قىلىش، قوللىرىنى پاكىز تۇتۇش لازىم،قىزىل چىققاندا بالىلاردا قوشۇمچە كىسەللىكلەر بولمىسا،ئانتىئوتىك دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك لازىم،قوشۇمچە كىسەللىكلەر ئالامىتى كۆرۈلسە،بالىنى دەرھال دوختۇر خانىغا كۆرسىتىش لازىم. قىزىل ياخشى چىقالمىسا،ئاتا-ئانىلار غۇنچە ئۈزۈم،يۇمغاق سۈتلەرنى قايناق سۇغا چىلاپ دەملەپ،سۈيىنى بالىغا ئىچكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.مۇشۇنداق ياخشى كۈتۈلسە بالا تەدرىجي ئەسلىگە كىلىدۇ.