كىلىشكەن رىياسەتچى __ نىجات ئەڭ يېڭى

来源:互联网新闻 编辑:余姚网 时间:2018/10/16 01:16

مەركەزدىكى ئۇيغۇر رىياسەتچى - نىجات ۋەلى ياقۇپ

ئىسىم-فامىلىسى: نىجات ۋەلى ياقۇپ، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى.

نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى: «جاھان ئەينىكى» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە مۇھەررىرى، «جۇڭگوغا نەزەر»، «ھەربىي ئىشلارغا نەزەر» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى.

قىسقىچە تەرجىمىھالى: 1987- يىلى 11- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 2009- يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىدە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن.

ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن باشلاپ ئاخبارات كەسپىگە ئىشتىياق باغلىغاچقا ئوقۇشتىن سىرت چاغلاردا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا تەكلىپلىك رىياسەتچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە كۆپ قېتىم بالىلار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكلىرىدە شۇنداقلا ياش-ئۆسمۈرلەر پروگراممىلىرىدا رىياسەتچىلىك قىلغان.

2007- يىلى مەملىكەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىلى بولۇپ باھالىنىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دوستلۇق ئورنىتىش، ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشقان.

2009- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر قانىلىدا رىياسەتچى بولغان. 2010- يىلىغىچە، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان 4 يىلدىن بۇيان ئۇ مۇھەررىر ۋە رىياسەتچى بولغان پروگراممىلار كۆپ قېتىم مەملىكەت بويىچە نادىر رادىيو پروگراممىلىرىنى باھالاشتا 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ كوزىر پروگراممىسى بولغان «جاھان ئەينىكى» 2013- يىلى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 10 مۇنەۋۋەر پىروگرامما شەرىپىگە نائىل بولدى.

2013- يىلى نىجات ۋەلى ياقۇپ كەسىپداشلىرى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم، زۇمرەت ياسىن، مەھلىيا ئىبىراھىملار بىلەن بىرگە 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە ئاڭلىتىپ، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسى تارىخىدىكى تۇنجى بىۋاسىتە ئاڭلىتىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى ھەم مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەرىپىدىن «ئالاھىدە دەرىجىلىك» مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

2014- يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مۇخبىرى بولۇپ، ئىككى يىغىن جەريانىدىكى ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئۇنىڭ بۇ جەرياندا ھەرقايسى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

نىجات ۋەلى ياقۇپ ھازىر كەسپىي بىلىمىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ يەنە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپلىك رىياسەتچىسى.

يۈرەك سۆزى: ھازىر زامانىمىز ئاخباراتچىلىقى كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى تاراتقۇلاردا كىشىنى تاڭ قالدۇرغىدەك يېڭىلىقلار توختىماي بارلىققا كەلمەكتە. شۇڭا تىلى ئارقىلىق دىللارنى دىللارغا تۇتاشتۇرغۇچى، يارقىن سىيماسى بىلەن قەلبلەرگە ئىللىق تۇيغۇ بېغىشلىغۇچى سۆيۈملۈك دىكتور-رىياسەتچى كەسىپداشلىرىمنىڭ، ئىچكى ساپا، ئەدەپ- ئەخلاق، خاسلىقنى ئەڭ ئالىي ئۆلچەم قىلغان ئاساستا، خۇددى ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق رىياسەتچىسى ئوپىرا دەك ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي خۇسۇسىيىتى بولغان تەبىئىيلىكنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەشنى ھەم ئۆزىدىكى شۇ تەبىئىيلىك، ئارامبەخىش تۇيغۇ بىلەن ئەل قەلبىنى رام قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چۈنكى بىزدە «خېرىدارىڭ بولمىسا زىبالىقىڭ نە كېرەك» دېگەن بىر ھېكمەتلىك سۆز بار. رادىيو-تېلېۋىزىيەدىن ئىبارەت بۇ ئالتۇن سەھنىدە بىزگە توختىماي ئالقىش ياغدۇرۇپ، ئىلھام مەدەت بېرىپ تۇرىدىغان سەمىمىي قوللىغۇچىلىرىمىز بولمىسا، ئۇنداقتا بىز ئاقار يۇلتۇزدەك بىر چاقناپ غايىب بولىمىز خالاس.

ئىچىل داستىخىنىم >دىكى كىلىشكەن رىياسەتچى __ نىجات>

ئاستىدىكى رەسىملىك ئېلاننى بىر قېتىم بېسىۋەتسىڭىقېرىندىشىم،سالونچىلارمۇ نان يىگەچ مەزمۇن تەييارلىسۇن